مۇھەممەد سالىھ — 235
11:118 ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، (118)
11:119 پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى( 119).
11:120 كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ قىسسىلەر ھەقىقەتنى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت، ئىبرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (120).
11:121 ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى(121).
11:122 سىلەر (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز»(122).
11:123 ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر(123).
12:1 ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر(1).
12:2 شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق(2).
12:3 بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسەنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ(3).
12:4 ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى(4).