مۇھەممەد سالىھ — 209
10:7 شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار(7)
10:8 ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ(8).
10:9 شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ(9).
10:10 ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر(10).
10:11 ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز(11).
10:12 ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى(12).
10:13 سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز(13).
10:14 سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدۇق(14).