>

مۇھەممەد سالىھ — 15

2:94 ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) ئاللاھنىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن(94).

2:95 ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر(95).

2:96 شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(96).

2:97 ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (ئاللاھقا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (جىبرىئىل) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى(97).

2:98 كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (ئاللاھنى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ»(98).

2:99 شەك ـ شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ(99).

2:100 ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ(100).

2:101 ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى)(101).