مۇھەممەد سالىھ — 603
109:1 (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!(1)
109:2 سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن(2).
109:3 سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر(3).
109:4 سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق(4).
109:5 سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق(5).
109:6 سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»(6).
110:1 ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە(1ـ2)،
110:2 ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە(1ـ2)،
110:3 رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر(3).
111:1 ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى(1).
111:2 ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى(2).
111:3 ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ(3).
111:4 ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ(4).
111:5 ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ(5).