>

مۇھەممەد سالىھ — 474

40:59 قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)(59).

40:60 پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»(60).

40:61 (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)(61).

40:62 ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟(62)

40:63 ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان)(63).

40:64 ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر(64).

40:65 ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!(65)

40:66 (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم»(66).