مۇھەممەد سالىھ — 469
40:17 بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر(17).
40:18 ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ(18).
40:19 ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ(19).
40:20 ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(20).
40:21 ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى(21).
40:22 بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر(22).
40:23 بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى(23ـ24).
40:24 بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى(23ـ24).
40:25 مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ(25).