مۇھەممەد سالىھ — 410
30:51 ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ(51).
30:52 شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن(52).
30:53 كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر(53).
30:54 ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر(54).
30:55 قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى(55).
30:56 ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگۈچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)»(56).
30:57 بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ(57).
30:58 شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا (قۇرئان ئايەتلىرىدىن) بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار (دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن) چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر»(58).
30:59 (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز(59).
30:60 (ئى مۇھەممەد!) (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىنىڭنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن(60).