مۇھەممەد سالىھ — 396
28:85 ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ»(85).
28:86 سەن (پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى)، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن(86).
28:87 ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن)(87).
28:88 ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(88).
29:1 ئەلىف، لام، مىم(1).
29:2 ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟(2)
29:3 ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ(3).
29:4 يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن (يەنى ئازابىمىزدىن) قېچىپ قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!(4)
29:5 كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ (بۇنىڭغا بەلگىلىگەن) ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(5).
29:6 كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر(6).