>

مۇھەممەد سالىھ — 361

25:12 دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ(12).

25:13 ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ(13).

25:14 (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ)(14).

25:15 ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ يا تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، (كىرگەن كىشى) مەڭگۈ قالىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر(15).

25:16 ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭدىن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر(16).

25:17 شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ(17).

25:18 (ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېيتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»(18).

25:19 شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ (ئۇلارنى مەبۇد دېگەن) سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، (ئى كۇففارلار!) سىلەر (ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى) دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە (بۇ بالادىن ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا) ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز(19).

25:20 بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(20).