>

مۇھەممەد سالىھ — 330

21:91 نومۇسىنى ساقلىغان ئايالنىڭ (يەنى مەريەمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىيساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىيسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق(91).

21:92 ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار(92).

21:93 ئۇلار (دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە ـ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر(93).

21:94 كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە ـ ئەمالىنى) چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز(94).

21:95 بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس(95).

21:96 يەجۇج ـ مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ(96).

21:97 راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قاپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىپتۇق» (دېيىشىدۇ)(97).

21:98 (ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر(98).

21:99 ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ(99).

21:100 ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ(100).

21:101 بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت ـ ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ(101).