>

مۇھەممەد سالىھ — 322

21:1 كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر(1).

21:2 ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ(2).

21:3 ئۇلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش (ئاددىي) بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ(3).

21:4 (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»(4).

21:5 (كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) «بەلكى ئۇ (مۇھەممەتنىڭ ) قالايمىقان چۈشلىرىدۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇر، بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى(5).

21:6 ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟(6)

21:7 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئادەملەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق. ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار(7).

21:8 پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ)(8).

21:9 ئاندىن ئۇلارغا (پەيغەمبەرلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىمىزنى راست قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغانلارنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق(9)،

21:10 سىلەرنىڭ شان ـ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟(10)