مۇھەممەد سالىھ — 225
11:29 ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن(29).
11:30 ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟(30).
11:31 مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»(31).
11:32 ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى(32).
11:33 نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر(33).
11:34 مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»(34).
11:35 ياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن(35).
11:36 نۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن(36).
11:37 بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ»(37).