>

مۇھەممەد سالىھ — 212

10:26 ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(26).

10:27 (دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(27).

10:28 شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)(28).

10:29 سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»(29).

10:30 بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ(30).

10:31 (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟(31).

10:32 (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»(32).

10:33 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ(33).