>

مۇھەممەد سالىھ — 191

9:27 شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(27).

9:28 ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر. مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(28).

9:29 سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار(29).

9:30 يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ(30).

9:31 ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر(31).