مۇھەممەد سالىھ — 166
7:131 ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ(131).
7:132 ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى(132).
7:133 ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى(133).
7:134 ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى(134).
7:135 ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى(135).
7:136 ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق(136).
7:137 بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق(137).