>

مۇھەممەد سالىھ — 163

7:96 (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق(96).

7:97 (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟(97)

7:98 شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ(98).

7:99 ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ(99).

7:100 زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ(100).

7:101 ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ(101).

7:102 ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق(102).

7:103 مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن(103).

7:104 مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن(104).