>

مۇھەممەد سالىھ — 140

6:95 دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟(95).

6:96 ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى(96).

6:97 قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق(97).

6:98 ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق(98).

6:99 ئاسماندىن سۇنى چۈشۈرگەن زات ئاللاھتۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردۇق. (ئۇنىڭدىن بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈرىمىز.، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز.، (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرىمىز.، (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار(99).

6:100 جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر (100).

6:101 ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر(101).